作词 : Rahmatjan Momin(Alqin)
作曲 : Ghulameli Ghupur
编曲:Shoh Studio
ئىززىتىم سەن تاجۇ -تەختىم بېشىمغا ھۆرمەت دادام
كۆكلىگەيمەن سەن بىلەن جېنىنغا قۇۋۋەت دادام ،
بولغايمۇ پەرۋازى كۆكتە قاناتسىز يىگانە قۇشنىڭ،
ئۆرلىسەم قانات بولۇر سەن راھىتىم جىنىم دادام.
كېتىدۇ ئامەت سېنىڭسىز نەدىكەن بىزگە بۇكۈن ،
ھوسۇللۇق مەڭگۈ ئاياغسىز خەزىنەم بەركەت دادام،
يىقىلاي ئايىقىڭغا مەن قىلغىن ماڭا ياخشى تىلەك ،
يول ئاچۇر تەنبىھلىرى ھەر بىر سۈزى يوللۇق دادام
كۆتۈردۈڭ تالاي جەبىرنى زىممەڭدە يۈك بەك ئېغىر،
كۈلدۈرىسەن بارچىنى سۆزى شىرىن قەندەك دادام .
ئۆلگىسەن، شۈكۈر، شىجائەت ، قانائەت، سەبىرگە ھەم،
شۆھرىتىڭ تىللاردا داستان، سەن ئەردەك ئەركەك دادام.