作词 : Abu Baywatqa
作曲 : Abu Baywatqa
ئاتام بولسا تىك تۇراتتى قامىتىم،
ئانام بولسا كەپ تۇراتتى ئامىتىم.
ئۆزگىلەرگە زەپ ياقاتتى ئادىتىم،
سۇنماس ئىدى ئەل ئىچىدە قانىتىم.
پەقەت يىتىم قالغان گۇناھ ئۆزۈمدە.
ئاتام بولسا ئوخشىمايتتىم ئۆزۈمگە،
ئانام بولسا ياش تولمايتتى كۆزۈمگە.
ئالدىراپلا داغ چۈشمەيتتى يۈزۈمگە،
كىم ئاڭلىسا ئىشىنەتتى سۆزۈمگە.
پەقەت يىتىم قالغان گۇناھ ئۆزۈمدە.
ئاتام بولسا زار يىغلىماي كۈلەتتىم،
ئانام بولسا ھايات پەيزى سۈرەتتىم.
دوستلىرىمنى خۇشال قىلىپ يۈرەتتىم،
ھاياتىمنى مېھرىم بىلەن سۆيەتتىم.
پەقەت يىتىم قالغان گۇناھ ئۆزۈمدە
作词 : Abu Baywatqa
作曲 : Abu Baywatqa
ئاتام بولسا تىك تۇراتتى قامىتىم،
ئانام بولسا كەپ تۇراتتى ئامىتىم.
ئۆزگىلەرگە زەپ ياقاتتى ئادىتىم،
سۇنماس ئىدى ئەل ئىچىدە قانىتىم.
پەقەت يىتىم قالغان گۇناھ ئۆزۈمدە.
ئاتام بولسا ئوخشىمايتتىم ئۆزۈمگە،
ئانام بولسا ياش تولمايتتى كۆزۈمگە.
ئالدىراپلا داغ چۈشمەيتتى يۈزۈمگە،
كىم ئاڭلىسا ئىشىنەتتى سۆزۈمگە.
پەقەت يىتىم قالغان گۇناھ ئۆزۈمدە.
ئاتام بولسا زار يىغلىماي كۈلەتتىم،
ئانام بولسا ھايات پەيزى سۈرەتتىم.
دوستلىرىمنى خۇشال قىلىپ يۈرەتتىم،
ھاياتىمنى مېھرىم بىلەن سۆيەتتىم.
پەقەت يىتىم قالغان گۇناھ ئۆزۈمدە