作词 : 账号已注销
作曲 : 账号已注销
سەككىزگە يەتمىگەن يېشى ،
قىلار جەۋلان قىزلىق لاتاپەت .
گۈزەللىكتە يوقتۇر تەڭدىشى ،
يولۇقمىغان بۇنداق قىياپەت .
يېڭىلگەنگە شۇدەم بەردىم تەن ،
تېپىلىدۇ پەردازسىز قىز ئاز .
رەڭدار ئېسىل كېيىمى بىلەن -
تۈزەپ ھۆسىن ئەيلەپتىكەن ناز .
خان ئەتلەستىن كېيىپتۇ ئېگىن ،
ئۇچىسىغا ياراشقان شۇنداق .
ساپما كەشى پۇتىدا ،تەھسىن
نازاكىتى چانمىغان بىراق .
چىمەن دوپپا كېيگەن بېشىغا ،
ئۆتتى سۆيۈپ چېھرىنى شامال .
كۈندەشلىگىم تەپتى تېشىغا ،
ئاشىقلارغا بۇ ئورتاق مىسال .
ئەدەپ بىلەن ئۆتۈپ يېنىمدىن ،
دەريا تامان كەتتى قول سېلىپ .
ئەس -ھۇشۇمنى يوقاتتىم بىردىن ،
يۈرىكىمنى كەتكەندەك ئېلىپ .
"گۈل سەرخىلى كۆپقۇ ! "-دەپتىمەن ،
مەدھىيلىسە چوغلۇقنى شائىر .
باغرىمغا ئوت ياقتى ئۇ لېۋەن .
كۆرەلمىدىم كۈتسەممۇ ئۇزاق ،
پۇچىلاندىم ئىشقىدا كۆيۈپ .
ئەھدى قىلدىم تارتىشقا پىراق ،
ئۆمۈر بويى شۇنىلا سۆي
作词 : 账号已注销
作曲 : 账号已注销
سەككىزگە يەتمىگەن يېشى ،
قىلار جەۋلان قىزلىق لاتاپەت .
گۈزەللىكتە يوقتۇر تەڭدىشى ،
يولۇقمىغان بۇنداق قىياپەت .
يېڭىلگەنگە شۇدەم بەردىم تەن ،
تېپىلىدۇ پەردازسىز قىز ئاز .
رەڭدار ئېسىل كېيىمى بىلەن -
تۈزەپ ھۆسىن ئەيلەپتىكەن ناز .
خان ئەتلەستىن كېيىپتۇ ئېگىن ،
ئۇچىسىغا ياراشقان شۇنداق .
ساپما كەشى پۇتىدا ،تەھسىن
نازاكىتى چانمىغان بىراق .
چىمەن دوپپا كېيگەن بېشىغا ،
ئۆتتى سۆيۈپ چېھرىنى شامال .
كۈندەشلىگىم تەپتى تېشىغا ،
ئاشىقلارغا بۇ ئورتاق مىسال .
ئەدەپ بىلەن ئۆتۈپ يېنىمدىن ،
دەريا تامان كەتتى قول سېلىپ .
ئەس -ھۇشۇمنى يوقاتتىم بىردىن ،
يۈرىكىمنى كەتكەندەك ئېلىپ .
"گۈل سەرخىلى كۆپقۇ ! "-دەپتىمەن ،
مەدھىيلىسە چوغلۇقنى شائىر .
باغرىمغا ئوت ياقتى ئۇ لېۋەن .
كۆرەلمىدىم كۈتسەممۇ ئۇزاق ،
پۇچىلاندىم ئىشقىدا كۆيۈپ .
ئەھدى قىلدىم تارتىشقا پىراق ،
ئۆمۈر بويى شۇنىلا سۆي